رۇسىيە چەت ئەل پۇللىرى توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەل پۇلى تۈرىدىن قەرزى بېرىشى ۋە رۇسىيە سىرتىدىكى بانكىلارغا چەت ئەل پۇلى ئامانەت قويۇشى مەنئى قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالارغا ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قارارنامىسىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
قارارنامىنىڭ، مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىدىغان رۇسىيە شىركەتلىرىگە چەت ئەل پۇلى سېتىش مەجبۇرىيىتى يۈكلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «خەلقئارا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر چەت ئەل پۇلى كىرىمىنىڭ 80 پىرسەنتىنى سالاھىيەتلىك بانكىلارغا سېتىشى شەرت» دەپ كۆرسىتىلدى.
رۇسىيەدىكى تاشقى پېرېۋوت سودىسىغىمۇ بىر قىسىم چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە: «رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەل پۇلى تۈرىدىن قەرزى بېرىشى رۇسىيە سىرتىدىكى بانكا ھېساباتلىرىغا چەت ئەل پۇلى ئامانەت قويۇشى چەكلەندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
رۇسىيە 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 8 ئايلىق فىندىق (ئورمان ياڭىقى) ئېكىسپورتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى.