رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نېفىت ۋە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسەتتى

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىشى نېفىت ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1784132
رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نېفىت ۋە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباستا ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، بىر ۋارىل برېنت نېفىتنىڭ باھاسى %3 تىن ئارتۇق ئۆرلەپ، 2014- يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 100 دوللارغا ئۆرلىدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن ئېلان قىلغان ھەربىي ھەرىكەت قارارى رايوننىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىدە كاشىلا كۆرۈلۈش ئەندىشىسى پەيدا  قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ئالتۇن باھاسىنىڭمۇ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن «بىخەتەر پاناھگاھ» دەپ قارىلىۋاتقان ئالتۇننىڭ ئۇنسىيە باھاسى %2 كە يېقىن ئۆرلەپ 1944 دوللارغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر