ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 2021-يىلنىڭ تۆتىنچى چارىكىدە، ئۈچىنچى چارىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا 0.5 نومۇر ئازىيىپ %11.2 بولدى.

1778878
ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2021-يىلى ئۆكتەبىردىن دېكابىرغىچە بولغان مەزگىلگە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك كۈچى ئىستاتىستىكىلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئىستاتىستىكا رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلەردە پەسىللەرنىڭ تەسىرى چىقىرىۋېتىلگەن ئىشسىزلىق سانى، 2020-يىلنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئۈچىنچى چارىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا 78 مىڭ كىشى ئازىيىپ 3 مىليون 780 مىڭ كىشى بولغان.

پەسىللەرنىڭ تەسىرى چىقىرىۋېتىلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى 0.5 نومۇر تۆۋەنلەپ %11.2 سەۋىيەسىدە بولغان.

ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆتىنچى چارەكتە 2020-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا 1.8 نومۇر ئازايغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر