تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سودىسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، %32.8 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سودىسى 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، %32.8 ئېشىپ، 225 مىليارد 291 مىليون دوللارغا يەتتى.

1770737
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت سودىسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، %32.8 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK) تەرىپىدىن ئورتاق تەييارلانغان ئۆتكەن يىلى دېكابىر ۋە 2021-يىلىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئېكسپورت ئالدىنقى ئاي ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %24.9 ئېشىپ ، 22 مىليارد 278 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئېكسپورت 2021-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %32.8 ئېشىپ، 225 مىليارد 291 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئالدىنقى ئايدا ئېكسپورت %22.2 ئېشىپ، 20 مىليارد 925 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر