تۈرك ھەسىلى 55 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى
تۈرك ھەسىلى ئالدىنقى يىلى 55 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىندى.
1768651

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇلتۇر تۈركىيەدىن 55 دۆلەتكە 9875 توننا ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 30 مىليون 498 مىڭ 600 دوللار كىرىم قىلىنغان.
ئۆتكەن يىلى، 5 مىڭ 972 توننا ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 25 مىليون 856 مىڭ 972 دوللار كىرىم قىلىنغان، ھەسەل ئېكسپورتى 2020-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 65، قىممىتى% 18 ئاشقان.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئىسپانىيە ،بۇلغارىيە ۋە ئىسرائىلىيە 2021-يىلى ئەڭ كۆپ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر بولغان.
تۈركىيە ئۆتكەن يىلى، 2020-يىلدىكىدىن پەرقلىق ھالدا ئىتالىيە، ماراكەش، مىسىر، موڭغۇلىيە، ۋېنېزۇئېلا، پاكىستان، كېنىيە، ئېرىلاندىيە، ئالبانىيە ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ھەسەل ساتقان.