گۆبەكلىتەپە 2021-يىلى ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كۈتۈۋالغان

شانلىئۇرفادا 12 مىڭ يىللىق ئۆتمۈشى بىلەن «تارىخنىڭ نۆل نۇقتىسى» دەپ باھا بېرىلگەن ۋە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن گۆبەكلىتەپە، 2021-يىلى 567 مىڭ 453 زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدى.

1762772
گۆبەكلىتەپە 2021-يىلى ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كۈتۈۋالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆبەكلىتەپە ساياھەتكە ئېچىۋېتىلگەن 2018-يىلدىن تارتىپ يەرلىك ۋە چەت ئەل ساياھەتچىلىرىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوغداش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2019-يىلىنى  «گۆبەكلىتەپە يىلى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ساياھەتچىلەر دولقۇنى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

گۆبەكلىتەپە 2019-يىلى 412 مىڭ 378 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. 2020-يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ئۈچ ئاي تاقالدى. ساياھەتچىلەر سانى 197 مىڭ 912 گە چۈشتى. 2021-يىلنىڭ دەسلەپكى بەش ئېيىدىمۇ گۆبەكلىتەپە تاقالدى. شۇنداق بولسىمۇ، قالغان يەتتە ئايدا 567 مىڭ 453 ساياھەتچى تارىخىي ماكاننى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ رەقەم ساياھەتكە ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ساياھەتچى سانى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر