تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى نويابىردا يىللىق نىسەتتە % 11.4 ئاشتى.

1761897
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ نويابىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى نويابىردا يىللىق نىسەتتە % 11.4 ئاشقان.

بۇ ساھەنىڭ تارماق ساھەلىرى تەھلىل قىلىنغاندا، 2021-يىلى نويابىردا، كانچىلىق ۋە كانچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 7.5، ياسىمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى% 12.5، توك ، تەبىئىي گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش كەسپى كۆرسەتكۈچى% 4.0 ئاشقان.

2021-يىلى نويابىردا، ياسىمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى % 3.8، توك، تەبىئىي گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىملەش كەسپى كۆرسەتكۈچى% 0.4 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر