تۈركىيە بۇلتۇر 120 دۆلەتكە چاي ئېكسپورت قىلدى

شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 120 دۆلەتكە 5 مىڭ 500 توننا چاي ئېكىسپورت قىلىپ، 19 مىليون 575 مىڭ 574 دوللار كىرىم قىلىنغان.

1762182
تۈركىيە بۇلتۇر 120 دۆلەتكە چاي ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاي سېتىش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى كىرىم قولغا كەلتۈرۈلگەن دۆلەتلەر رەت بويىچە، بېلگىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، گوللاندىيە ۋە فرانسىيە بولغان.

ئالدىنقى يىلدىن پەرقلىق ھالدا، بۇ يىل كىرودىيە، لىتۋانىيە، مىسىر ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق 16 دۆلەتكىمۇ چاي ئېكسپورت قىلىنغان.

ئۆتكەن يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان 4 مىڭ 750 تونا چاي ئېكسپورتىدىن 17 مىليون 436 مىڭ 542 دوللار كىرىم قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل  2020 - يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %16  قىممىتى ئېشىپ،  ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %12 يۇقىرى ئۆزلىگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر