رەئىسى: نېفىت ئېكىسپورتىمىز % 40 ئاشتى

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى 2021-يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان دۆلىتىنىڭ نېفىت ئېكسپورتىنىڭ % 40 ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1762202
رەئىسى: نېفىت ئېكىسپورتىمىز % 40 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەئىسى، ئىراننىڭ قۇم  شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، دۆلىتىنىڭ نېفىت ئېكىسپورتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ نېفىت ئېكىسپورتى شۇنداق سەۋىيەگە يەتتىكى، نۆۋەتتە بىزنىڭ بۇ ھەقتە قىلچە ئەندىشىمىز يوق، ھۆكۈمىتىمىز دەۋرىدە نېفىت ئېكىسپورتىمىز % 40 ئاشتى، ئېكىسپورتتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىم دۆلىتىمىزگە نەق پۇل سۈپىتىدە قايتماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر