تۈركىيە گىلەمچىلىك ساھەسىنىڭ  ئېكسپورت نىسبىتى ئاشتى

تۈركىيە گىلەم ئېكسپورتچىلىرى 2021-يىلى 3 مىليارد 179 مىليون 483 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى.

1756384
تۈركىيە گىلەمچىلىك ساھەسىنىڭ  ئېكسپورت نىسبىتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) نىڭ گىلەم سانائىتى ساھەسى كېڭەش رەئىسى سالاھاتتىن قاپلان يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى يىلى 2020- گە سېلىشتۇرغاندا %22.1 ئېشىش ئارقىلىق، 3 مىليارد 179 مىليون 483 مىڭ دوللارلىق گىلەم ئېكسپورت قىلغانلىقىنى  بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز بۇ يىل بېكىتكەن 4 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر