تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى ئۆكتەبىر (2021) ئېيىدا ئايلىقى %0.6، يىللىقى %8.5 ئاشتى.

1746527
تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۆكتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۆكتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆكتەبىر ئېيىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىندېكسى ئايلىقى %0.6، يىللىقى %8.5 ئاشقان.

ئۆكتەبىر ئېيىدا كانچىلىق ۋە تاشچىلىق ساھەسى ئىندېكسى ئۆتكەن يىل (2020) نىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %9.2، ياساش سانائىتى ئىندېكسى %9.2، ئېلېكتىر، گاز، پار، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە تارقىتىش ساھەلىرى ئىندېكسى %3.5 ئاشقان.

ئۆكتەبىر ئېيىدا كانچىلىق ۋە تاشچىلىق ساھەسى ئىندېكسى سېنتەبىر (2021) ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %0.3 تۆۋەنلىگەن. ياساش سانائىتى ئىندېكسى %0.7، ئېلېكتىر، گاز، پار، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە تارقىتىش ساھەلىرى ئىندېكسى %0.1 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر