لاگاردې ياۋرو رايونىنىڭ 2022 - يىلىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىمالى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ياۋروپا مەركىزى بانكىسى باشلىقى كىرىستىن لاگاردې كېلەر يىلى ياۋرو رايونىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
1742671
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر پائالىيىتىدە سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن لاگاردې،تۇراقسىزلىق سەۋەبىدىن بازارنىڭ يېتەكلەشكە ئېھتىياجى بارلىقى، شۇڭا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قارارىنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يا مەركىزىي بانكىسى سىياسىتىنىڭ ناھايىتى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن لاگاردې: «ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەدىلەرنى بەرمەي تۇرۇپمۇ ئېنىقلىققا ئېرىشتۈرۈشنىڭ يوللىرى بار» دېدى.
كېلەر يىلى ياۋرو رايونىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ ئانچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن لاگاردې، ئەگەر ئېھتىياج ھاسىل بولسا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشتە ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن دوكتەك كۆرۈنىدىغان پۇل پاخاللىقى ھالىتىنى كۆرۈۋاتىمەن. بۇ دوكلۇق ھامان بىر كۈنى ئازىيىدۇ. پۇل پاخاللىقىنىڭ 2022 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۆۋەنلىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز ۋە شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
لاگاردې، ياۋرو رايونىدىكى يۇقىرى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە باھاسىنىڭمۇ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە يېتەرلىك ئاساسلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى رېكورت ياراتتى
نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللاردىن ئېشىپ كەتتى.