تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم، تېز سۈرئەتتە ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل ئۈچىنچى پەسىلدە% 7.4 ئاشتى.

1740599
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم، تېز سۈرئەتتە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ  ئۈچىنچى پەسلىگە (7-ئايدىن 9-ئايغىچە) ئالاقىدار ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى زەنجىرسىمان ھەجىم كۆرسەتكۈچى، بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 7.4 ئاشقان.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى پەسىللىك سانلىق مەلۇماتلىرىغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر