خەلقئارا ساياھەتتە كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۈركىيە بولدى

كوۋىد-19 يۇقۇمى 2021-يىلى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ ساياھەت ساھەسىگە زەربە بەردى. ئەمما بۇ كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۈركىيە بولدى.

1740790
خەلقئارا ساياھەتتە كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۈركىيە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدقا جايلاشقان ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتى (UNWTO) ئورتاقلاشقان 2021-يىللىق سانلىق مەلۇماتغا ئاساسلانغاندا، يىل ئاخىرىغىچە خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 375 مىليونغا يېتىىشى مۆلچەرلەندى. بۇ سان  2019 – يىلىدىكى 1 مىليارد 400 مىليونغا سېلىشتۇرغاندا %75 تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئازىيىشى جەھەتتە ئاز زىيانغا ئۇچرىدى.

بۇ يىل ئۈچىنچى پەسىل (7-ئايدىن 8-ئايغىچە) نىڭ سانلىق مەلۇماتلرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ئىچىدە، كوۋىد -19 نىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر كىرودىيە، مېكسىكا ۋە تۈركىيە بولغان.

2019-يىلى يۇقۇملىنىشتىن ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، كىرودىيە %81، مېكسىكا %80، تۈركىيە %65 لىك سەۋىيەگە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر