ئىنتېل شىركىتى «بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن» خىتايدا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى

دۇنيادا ئۆزەك كىرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ئىنتېل «بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن» خىتايدا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى.

1734635
ئىنتېل شىركىتى «بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن» خىتايدا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەت خىتايدىكى بىر زاۋۇتتا ئۆزەكنىڭ كرېمنىيلىق ۋافېرنى تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۆزەك كەمچىللىكىنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئامېرىكادا ئەمەلگە ئېشىشى بولسا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا باغلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن پارلامېنتتا ساقلىنىۋاتقان 52 مىليارد دوللارلىق ئۆزەك قانۇنى ماقۇللىنىشى لازىم.

ئۆزەك كەمچىللىكى تېخنىكا ۋە ئاپتوموبىل سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرگە مىلياردلارچە دوللارلىق زىيان سالماقتا. ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشقا مەجبۇر قالماقتا.

جېنېرال ئاپتوموبىل شىركىتى ئۆزەكنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئاپتوموبىللاردىكى ئىسىىتلىدىغان ۋە شامالدىتىلىدىغان ئورۇندۇق تاللاشلىرىغا ئورۇن بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋولۋو شىركىتى ئۆزەك كەمچىللىكى سەۋەبىدىن، بېلگىيەنىڭ گېنت شەھىرىدىكى زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى.

باشقا ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قوللىنىشچان پىروگراممىلارغا يۈزلىنىشى، ئۆزەك كىرىزىسى داۋاملاشقان تەقدىردە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر