ئەلۋان: 2021-يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز % 9 تىن ئاشىدۇ

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان 2021 – يىلى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ % 9 تىن ئېشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1733163
ئەلۋان: 2021-يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز % 9 تىن ئاشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەلۋان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى پىلان - خامچوت كومىتېتىدا، مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوت لايىھەسى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئالدىن كۆرسەتكۈچلەر، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئىلمىي ئىچكى تەلەپ ۋە كۈچلۈك ئېكسپورتقا ئىشارەت قىلماقتا، شۇ ۋەجىدىن،  2021 – يىلى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ % 9 تىن ئېشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، كۈچلۈك سانائەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلمىمىز ۋە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئىچكى تەلەپ، ئېكسپورت ئىقتىدارىمىزغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەكتە، 2021-يىلى ئۆكتەبىر  ئېتىبارى بىلەن، يىللىق ئېكسپورت 215 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر