سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى سېنتەبىردە %8.9 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى سېنتەبىردە يىللىق ئۆلچەم بويىچە %8.9 ئاشتى.

1732987
سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى سېنتەبىردە %8.9 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، سېنتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى؛ بۇنىڭغا ئاساسەن، سېنتەبىردە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %8.9 ئاشقان.

سانائەتنىڭ تارماق ساھەلىرى تەھلىل قىلىنغاندا، كانچىلىق ساھەسى كۆرسەتكۈچى سېنتەبىر ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %7.9، ياسىمىچىلىق ساھەسى كۆرسەتكۈچى %9.7، توك، تەبىئىي گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش ساھەسى كۆرسەتكۈچى %1 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر