شامال ئېنېرگىيەسىدىن ئېلىكتىر ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت يارىتىلدى
تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيەسىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئېلېكتىر تۈنۈگۈن (2021-يىلى 10-نويابىر) 181 مىڭ 249 مېگاۋات سائەتكە يېتىپ، يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيەسىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئېلېكتىر تۈنۈگۈن 181 مىڭ 249 مېگاۋات سائەتكە يېتىپ، يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى. شامالدىن پايدىلىنىشنىڭ جەمئىي ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى نىسبىتى %20.1 بولدى.
تۈركىيەدە 2021-يىلى 10-نويابىر جەمئىي 901 مىڭ 841 مېگاۋات سائەت ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇنىڭ %21.6 ى ئىمپورت قىلىنغان كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىن، %20.1 ى شامال ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلدى.
بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەدە شامال ئېنېرگىيەسىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتىر 181 مىڭ 249 مىڭ مېگاۋات سائەتكە يېتىپ، يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتكەن بولدى.
شامال ئېنېرگىيەسىدىن ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش 25-ئۆكتەبىردە (2021) 174 مىڭ 542 مېگاۋات سائەت بىلەن رېكورت يارىتىلغان ئىدى.