مۇدىيس «گۈللىنىۋاتقان بازارلار» ناملىق دوكلاتىدا تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئورۇن بەردى

خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى —مۇدىيس، تۈركىيەدىكى مالىيە ئىنتىزامىنىڭ دۆلەت مالىيەسىنىڭ چىدامچانلىقىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1732424
مۇدىيس «گۈللىنىۋاتقان بازارلار» ناملىق دوكلاتىدا تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئورۇن بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئورگىنىنىڭ «گۈللىنىۋاتقان بازارلار» ناملىق دوكلاتىدا، تۈركىيەنىڭ كېلەر يىلى %4.8 ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ: «تۈركىيەنىڭ مالىيە كۈچى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتنى قوللايدىغان ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ ئېشىشى دۆلەت مالىيەسىنىڭ چىدامچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

نوپۇس ئەھۋالىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىكى بانكىلارنىڭ پائالىيەت كۈچىگە كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان دوكلاتتا: «ياشانغان ئەمگەك كۈچى، شەرقىي ياۋروپا ۋە رۇسىيەدىكى بانكىلارنىڭ پايدىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدىكى بانكىلار ياش ۋە كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنىڭ قەرز ئېھتىياجى سايىسىدا تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ» دېگەن قاراشلار ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر