مەھمەت مۇش: ئالدىنقى ئايدا جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت قىممىتى يارىتىلدى

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئالدىنقى ئايدا جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت قىممىتىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1727692
مەھمەت مۇش: ئالدىنقى ئايدا جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت قىممىتى يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتەبىردىكى تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان مىنىستىر مەھمەت مۇش، ئۆكتەبىردىكى ئېكسپورت  نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %20.2 ئېشىپ، 20 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتتى. ئالدىنقى ئايدا جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت قىممىتى يېڭىلاندى» دېدى.

مەھمەت مۇش  يەنە مۇنداق دېدى:

«يېقىنقى 12 ئايدىكى ئېكسپورت قىممىتى 215 مىليارد 700 مىليون دوللار بىلەن يېڭى بىر رېكورت ياراتتى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئېكسپورت نىسبىتىمۇ ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %33.9 ئېشىپ، 181 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتتى. 2021-يىلىنىڭ ئۆكەنكى 10 ئېيىدا  2019 – يىلىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن 180 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت رېكورتىمىزنى بۇزۇپ تاشلىدۇق»

مەھمەت مۇش  ئۆكتەبىردە ئېكسپورتنىڭ ئېمپوت بىلەن بولغان سېلىشتۇما نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 5.6% ئېشىپ %93.4 كە يەتكەنلىكىنى تەكىتلدى ۋە: «شۇنى كۆرىسىلەركى، بىز ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاشقى سودىدا ئېشىنچا دۆلەت نىشانىغا يېتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر