تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى 11 مىليارد دوللاردىن ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمى مۇشۇ يىل (2021) نىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە 11 مىليارد 395 مىليون 117 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1726200
تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى 11 مىليارد دوللاردىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىدىن سېنتەبىر ئېيىغىچە بولغان ساياھەتچىلىك رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ساياھەتچىلىك كىرىمى 11 مىليارد 395 مىليون 117 مىڭ دوللارغا بولغان. ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمنىڭ %78 نى چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر، %22 ى چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيەلىك ساياھەتچىلەر ئىگىلىگەن.

بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىچە كېچىلىك خىراجەت 74 دوللار بولغان.

چەت ئەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كېچىلىك خىراجىتى 78 دوللار بولغان بولۇپ، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ خىراجىتى 61 دوللار بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر