ئەردوغان تۈركىيە - ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئافرىقىدا ئىشىكىنى چەكمىگەن دوست، جاراھىتىگە مەلھەم بولمىغان كۆڭۈل، ھەمكارلىق ئورناتمىغان دۆلەت قويمايماۋاتىمىز، قويمايمىز» دېدى.

1723809
ئەردوغان تۈركىيە - ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن (تۈنۈگۈن) ئۈچىنچى قېتىملىقىنى ئۆتكۈزگەن تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرىمىزنىڭ دۆلىتىمىز ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئافرىقىدا ئىشىكىنى چەكمىگەن دوست، جاراھىتىگە مەلھەم بولمىغان كۆڭۈل، ھەمكارلىق ئورناتمىغان دۆلەت قويمايۋاتىمىز، قويمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇچۇرىدا بىر دىياگراممىغىمۇ ئورۇن بەرگەن ئەردوغان، ئۆزىمۇ سۆز قىلغان تۈركىيە – ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرىگە 45 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئافرىقانىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %6.5 ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

تۈركىيە – ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى دائىرىسىدە ئافرىقا ئەركىن سودا رايونى، سېلىنما، يېڭىلىق يارىتىش، بانكىچىلىق، سەھىيە ۋە ئاياللار رەھبەرلىكى تېمىلىرىدا يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان G2B يىغىنلىرى بىلەن  خۇسۇسىي ساھەنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان B2B يىغىنلىرى ئېچىلدى. <تۈركىيە - ئافرىقا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش: سودا، مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا ۋە ئەشيا ئوبوروتى> دېگەن تېمىدا مىنىستىرلار يىغىنى ئېچىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر