خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى —S&P تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى —S&P، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %8.6 ئېشىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

1723839
خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى —S&P تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: S&P بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بازىرىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئېكسپورتتىكى كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ پائالىيەتلەر سايىسىدا بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ %8.6 ئېشىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

S&P نىڭ باياناتىدا، كوۋىد - 19 يۇقۇمىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە خەۋىپىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ئورنىنىڭ باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىقتىسادلىرىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىگە ھەمدەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر