تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

3-نۆۋەتلىك تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى يىغىنى ئەتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇشنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ.

1722449
تۈركىيە-ئافرىقا ئىقتىساد ۋە سودا مۇنبىرى يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مۇنبەرگە 41 دۆلەتتىن 250 كىشىلىك رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشتىراكچىلار ئىچىدە جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دوكتور جېيمس ۋانى ئىگا بىلەن 29 مىنىستىر ۋە 8 مۇئاۋىن مىنىستىر بار، ھەمدە تۆت رايونلۇق تەشكىلاتتىن ئىككى دىرېكتور بار ئىكەن.

مۇنبەر دائىرىسىدە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان «تۈركىيە-ئافرىقا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش: سودا، مەبلەغ سېلىش، تېخنىكا ۋە ئەشيا ئوبوروتى» تېمىلىق مىنىستىرلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مۇنبەرگە تۈركىيە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 2000 دەك سودىگەر قاتنىشىدۇ.

مۇنبەر دائىرىسىدە يەنە، ئافرىقا ئەركىن سودا رايونى، مەبلەغ سېلىش، بانكىچىلىق، سەھىيە ۋە ئاياللار رەھبەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى سۆز قىلىدىغان مۇھاكىمە يىغىنلىرى، تۈرك ۋە ئافرىقا سودا-سانائەتچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئىككى تەرەپلىك سودا يىغىنلىرى بىلەن سودا ۋە سېلىنما ساھەسىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن سودا – سانائەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرىدىغان ئايرىم يىغىنلارمۇ ئېىچلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر