تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشى تۇنجى قېتىم% 1 تىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش جۇمھۇرىيەت تارىخىدا تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشىنىڭ% 1 تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

1721631
تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشى تۇنجى قېتىم% 1 تىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇش،  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشى، 1980-يىلى% 0.14، 2000-يىلى% 0.43 ئىدى، ھازىر تۈرك مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىنماقتا، بۇ مۇۋەپپەقىيەت تۈركىيەگە تەئەللەۇقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر