تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن قوشۇمچە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ قوشۇمچە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1720032
تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن قوشۇمچە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، ئەزەربەيجان بىلەن قوشۇمچە 11 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ قوشۇمچە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىنىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ  مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۇنيا ئېغىر تەمىنلەش كىرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەزگىلنى يېڭىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۆنمەز: «قىش پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىش ئېھتىمالى بولغان تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەتلەر ئىجابىي ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەزەربەيجان بىلەن 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە باكۇ – تىبلىس - ئەرزۇرۇم لىنىيەسىدىن كېلىدىغان 11 مىليارد كۇب مېتىرلىق قوشۇمچە تەبىئىي گاز سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر