سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئايلىق نىسبەتتە % 5.4، يىللىق نىسبەتتە % 13.8 ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ پەسىل ۋە كالىندار تەڭشەلگەن سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى، ئاۋغۇستتا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا% 5.6، يىللىق نىسبەتتە % 13.8 ئاشقان.
سانائەت كەسىپىنىڭ تارماق ساھەلىرى تەھلىل قىلىنغاندا، ئاۋغۇست ئېيىدا، كانچىلىق ۋە تاشچىلىق ساھەسى كۆرسەتكۈچى% 9.4، ياسىمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى% 14.2، ئېلېكتر، تەبىئىي گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىمات كەسپى كۆرسەتكۈچى% 9.4 ئاشقان.
8 ئاۋغۇست ئېيىدا، كانچىلىق ۋە تاشچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 1.7 تۆۋەنلىگەن، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ كۆرسەتكۈچى% 6.3 ئاشقان، ئېلېكتر، گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىمات كەسپى كۆرسەتكۈچى% 0.2 تۆۋەنلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.