تۈركىيە قازاقىستانغا سالغان مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان 3 – دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىۋېيتسارىيەدىن قالسا قازاقىستانغا سالغان مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان ئۈچىنچى دۆلەت بولدى.

1716726
تۈركىيە قازاقىستانغا سالغان مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان 3 – دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مىللىي بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، چەت ئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش نىسبىتى، 2020-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 30 ئاشقان.

بۇ مەزگىلدە، قازاقىستانغا چەت ئەللەردىن 11 مىليارد 100 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، تۈركىيە قازاقىستانغا 388 مىليون 700 مىڭ دوللار مەبلەغ سالغان. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ قازاقىستانغا سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا % 79.9 ئاشقان.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىۋېيتسارىيەدىن قالسا قازاقىستانغا سالغان مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان ئۈچىنچى دۆلەت بولغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، گوللاندىيە، ئامېرىكا، شىۋېيتسارىيە،  رۇسىيە، ئەنگلىيە، خىتاي، بېلگىيە، تۈركىيە، فىرانسىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە قازاقىستانغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر