ۋېنېزۇئېلا پۇلىدىن ئالتە نۆلنى ئېلىپ تاشلىدى

دۇنيانىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلىتى ۋېنېزۇئېلا پۇلىدىن ئالتە نۆلنى ئۆچۈردى.

1713408
ۋېنېزۇئېلا پۇلىدىن ئالتە نۆلنى ئېلىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ ئالتە نۆل ئېلىپ تاشلانغان پۇل بىرلىكى «بولىۋار»نىڭ يېڭى قەغەز پۇللىرى بازارغا كىردى؛ يېڭى قەغەز پۇلنىڭ ئەڭ چوڭى 100 بولىۋار بولۇپ، 25 دوللارغا توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئۆزگىرىشنىڭ نەق پۇل سودىسى ۋە بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلا مەركىزى بانكىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ ئۆزگىرىش پۇلنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. ئۇ پەقەت پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشى قولايلاشتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر