ئەردوغان: دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «يولغا قويغان تەدبىرلىرىمىز ۋە ئىجرا قىلغان سىياسەتلىرىمىز سايىسىدا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىنى قولغا كەلتۈردۇق» دېدى.

1706901
ئەردوغان: دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرشەھىردە ئۆتكۈزۈلگەن «ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى- يۇنېسكو ئاھى ئەۋرەننى خاتىرىلەش يىلى – ئاھى ئەۋرەن ئىزىدا سودىگەرلەر ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ: «دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىنى بىز قولغا كەلتۈردۇق. ئېكسپورتتا ئارقا – ئارقىدىن رېكورت ياراتماقتىمىز. ئىشقا  ئورۇنلاشتۇرۇش يۇقۇمدىن ئىلگىرى مەزگىلدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر