«Moody's» تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %6 كە ئۆستۈردى

خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى مۇدىيس 2021-يىلدىكى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى ئەسلىدىكى %5 تىن %6 كە ئۆستۈردى.

1700690
«Moody's» تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %6 كە ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Moody's» ئۆزىنىڭ يەرشارى ماكرو 2021 – ۋە 2022 - يىللىق دوكلاتىنىڭ 2021-يىلى ئاۋغۇست سانىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، يەرشارى خاراكتېرلىق ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىشىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكى، ئەمما كوۋىد-19 يۇقۇمىدا دېلتا تۈرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ خەۋپ ياراتقانلىقى تەكىتلەندى.

كۆپ قىسىم G-20 ئىقتىسادى گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەردىكى 2021-يىللىق پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقۇرى بولىشىنىڭ 2022-يىلى ئازىيىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا ئۆتكەن يىلى %3.2 تۆۋەنلىگەن G20 ئىقتىسادى گەۋدىسىنىڭ 2021-يىلى ۋە %6.2 ۋە 2022 – يىلى %4.5 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

دوكلاتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭمۇ 2021-يىلى %6 ئېشىشى مۆلچەرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى «Moody's» مايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2021-يىلى %5 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2022-يىلدىكى ئېشىش مۆلچەرىنىڭ ئەسلىدىكى %3.5 تىن %3.6 گە ئۆرلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن دوكلاتتا يەنە، يەر شارى خاراكتېرلىق ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ساياھەت ساھەسىدىكى ئەسلىگە كېلىشىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر