ئەفەسنىڭ زىيارەتچىلىرى %91 ئاشتى

ئىزمىر ئەفەس قەدىمكى شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلارنىڭ سانى 2021-يىلى يانۋاردىن 31-ئىيۇلغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %91 ئاشتى.

1697767
ئەفەسنىڭ زىيارەتچىلىرى %91 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەفەس قەدىمكى شەھىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 2020-يىلى ئىيۇلدا 178 مىڭغا چۈشكەن زىيارەتچىلىرى سانى، بۇ يىل (2021) 340 مىڭدىن ئاشتى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، جېلسۇس كۇتۇپخانىسى، قەدىمكى تىياتىر ۋە كۆركەم ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەرنى كۈتۈۋالغان ئەفەس قەدىمكى شەھىرىنىڭ 2021-يىلى 1-يانۋاردىن 31-ئىيۇلغىچە بولغان مەزگىلدىكى زىيارەتچىلىرى سانى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %91 ئاشقان.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ 8 مىڭ 702 سى يانۋاردا، 11 مىڭ 748 سى فېۋرالدا، 21 مىڭ 183 ى مارت ئېيىدا، 21 مىڭ 645 ى ئاپرېلدا، 24 مىڭ 738 ى ماي ئېيىدا، 79 مىڭ 295 ى ئىيۇن ئېيىدا ۋە 173 مىڭ 305 ى ئىيۇل ئېيىدا ئەفەسكە كەلگەن.

يۇقۇم تەدبىرلىرى بويىچە، بىرلا ۋاقىتتا 2 مىڭ 400 كىشىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان قەدىمكى شەھەرنىڭ 2020-يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە 178 مىڭ 120 بولغان زىيارەتچى سانى، بۇ يىل ئوخشاش مەزگىلدە 340 مىڭ 616 گە چىققان.

ئەفەس قەدىمكى شەھىرىنى 2019-يىلى يۇقۇمدىن ئىلگىرى 1 مىليون 810 مىڭ كىشى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئايلار بولغان ئىيۇل ۋە ئاۋغۇستتا زىيارەتچى سانى 200 مىڭ ئەتراپىدا بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر