ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 200 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ مۇشۇ يىل (2021) ئاخىرىدىن باشلاپ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 200 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
1695658

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
ئۇ: «يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر نەتىجىسىدە، مۇشۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قىزىل رەقەم ۋە پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتىمىز. يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 200 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك كۆرسەتكۈچلەر بار. نىشانىمىز ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 210 مىليارد دوللارغا چىقىرىش. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەستىقى بىلەن، سېنتەبىر ئېيىنىڭ تۇنجى يېرىمىدا 2024-2022-يىللىق مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك پىروگراممىمىزنى ئېلان قىلىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز» دېدى.