خەلقئارا باھالاش ئورگىنى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى ئۆستۈردى

خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitch Ratings بۇ يىل تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى% 6.3 تىن% 7.9 كە ئۆستۈردى.

1691056
خەلقئارا باھالاش ئورگىنى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى ئۆستۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitch Ratings، تۈركىيەنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى «BB-» ۋە «كىرېدىت دەرىجىسى مۇقىم» قىلىپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن، بۇرۇنقى قارىشىنى ساقلاپ قالدى.

خەلقئارا باھالاش ئورگىنى Fitch Ratings تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبوروت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتتە داۋاملىشىۋاتقان تىركىشىش كۈچى سەۋەبلىك، بۇ يىلقى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنىڭ% 6.3 تىن% 7.9 كە ئۆستۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ كۈچلۈك ئېكسپورت ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىكى ئەسلىگە كېلىش بىلەن تەڭپۇڭلىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، 2022-يىلى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ% 3.5 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر