تۈركىيە پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا

پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا پۈتكۈل دۇنيا كەينىگە چېكىنىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا.

1684861
تۈركىيە پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يولغا قويۇۋاتقان ئېكىسپورت چەكلىمىلىرى ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن  پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا پۈتكۈل دۇنيا % 1 كەينىگە چېكىنىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە بۇ ساھەدە % 6 تەرەققىي قىلىپ، 2020 – يىلىنى كۈچلۈك بىر شەكىلدە تاماملىدى.

2020 – يىلىنى پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا ياۋروپا بىرىنچىسى سۈپىتىدە تاماملىغان تۈركىيە پولات-تۆمۈر ساھەسى، 2021 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 6 – ئېيىدىمۇ % 20 ئەتراپىدا تەرەققىي قىلدى، ھەمدە ئېكىسپورت قىممىتىنى % 50 ئاشۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر