تۈركىيەنىڭ ۋېلىسىپىت ئېكسپورتى %88 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ۋېلىسىپىت ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %88 ئېشىپ، 70 مىليون دوللارغا يەتتى.

1683240
تۈركىيەنىڭ ۋېلىسىپىت ئېكسپورتى %88 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ۋېلىسىپىتلىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئالاھىدە بازار تاپماقتا. بۇلتۇر 1 -  ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان جەرياندا 37 مىليون 200 مىڭ دوللار بولغان ۋېلىسىپىت ئېكسپورتى، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە 70 مىليون دوللارغا، ئېكسپورتتىكى ئېشىش نىسبىتى %88 گە يەتتى.

بۇ يىل تۈركىيەدىن 92 دۆلەتكە ۋېلىسىپىت ئېكسپورت قىلىندى. گېرمانىيە 10 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن قالسا، فىنلاندىيە 9 مىليون 800 مىڭ دوللار بىلەن ئىككىنچى، فىرانسىيە 9 مىليون 300 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر