ئۆي جاھازلىرى ئېكسپورتىدا رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى

تۈركىيەنىڭ ئۆي جاھازلىرى ئېكسپورتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 2020-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 35 ئېشىپ، 2 مىليارد دوللاردىن ئاشتى.

1678766
ئۆي جاھازلىرى ئېكسپورتىدا رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئۆي جاھازلىرى، قەغەز ۋە ئورمان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئۆي جاھازلىرى، ئەڭ كۆپ ئىراق، گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئۆي جاھازىلىرى لايىھىلەش، سۈپەت ۋە باھا ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەڭ كۆپ تاللاپ سېتىۋېلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر