تۈركىيەنىڭ تەبىئىي ۋە تارىخىي گۈزەللىكلىرى تونۇتۇلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان تۈركىيەنىڭ تەبىئىي ۋە تارىخىي بايلىقلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى.

1678308
تۈركىيەنىڭ تەبىئىي ۋە تارىخىي گۈزەللىكلىرى تونۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ ۋە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرىدا تارقىتىلغان 27 سېكۇنتلۇق سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە تارىخىي بايلىقى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلدى.

«سەنمۇ ئانادولۇنى سەيلە قىل» دېگەن شوئارنى مەركەز قىلغان فىلىمدە، ئاقدېڭىزنىڭ كەڭ دېڭىز ساھىللىرىدىن تارىخىي ئۈستى ئوچۇق مۇزېيلىرى ۋە قېيىق تەنھەرىكەتچىلىرىگىچە بولغان ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر