تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى مايدا ئايلىق %1.3 ۋە يىللىق %40.7 ئاشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK)  ماي ئېيىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

1674504
تۈركىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى مايدا ئايلىق %1.3 ۋە يىللىق %40.7 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مايدا  كالېندار تەسىرىدىن خالىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %40.7 ئاشقان.

سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ تارماق ساھەلىرى تەھلىل قىلىنغاندا، مايدا كانچىلىق ۋە كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %33.4، ئىشلەچىقىرىش كەسپى كۆرسەتكۈچى %42.8  ۋە ئېلېكتىر، تەبىئىي گاز، پار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شۇنداقلا تارقىتىش كەسپى كۆرسەتكۈچى %20.9 ئاشقان.

تەڭشەلمىگەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىمۇ يىلىغا %39.5 ئاشقان.

پەسىل ۋە كالىندار تەسىرىدىن خالىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مايدا ئاپرېلغا سېلىشتۇرغاندا %1.3 ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر