تۈركىيەنىڭ مېۋە-كۆكتات ئېكسپورتى ئىزچىل ئاشتى

تۈركىيەنىڭ مېۋە-كۆكتات مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى 2020-يىلى يانۋاردىن ئىيۇنغىچە بولغان مەزگىلدە 777 مىليون دوللارغا يەتتى.

1674054
تۈركىيەنىڭ مېۋە-كۆكتات ئېكسپورتى ئىزچىل ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە بولسا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاباسى مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئېكسپورت نىسبىتى %20 ئېشىپ 936 مىليون دوللارغا يەتتى.

ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە-كۆكتات مەھسۇلاتلىرىدا، 133 مىليون دوللار بىلەن گېرمانىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ئېكسپورتتا %23 لىك ئېشىش بىلەن 93 مىليون دوللاردىن 114 مىليون دوللارغا يەتكەن ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.

مەزكۇر مەزگىلدە ئىراققا قىلىنغان مېۋە-كۆكتات ئېكسپورت سوممىسى 83 مىليون دوللارغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر