كاسابلانكادىن ئانتالياغا بىۋاستە ئايروپىلان سەپىرى باشلىنىدۇ
ماراكەش پادىشاھلىق ھاۋا يوللىرى شىركىتى كاسابلانكادىن بىۋاستە قاتنايدىغان چەت ئەل ئايروپىلان سەپەرلىرى لىنيەسىگە ئانتاليانى قوشتى.
1664748
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش پادىشاھلىق ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە، ئانتالياغا ئايروپىلان سەپەرلىرى قوشۇلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، 11-ئىيۇل (2021) دىن باشلاپ كاسابلانكادىكى 5-مۇھەممەد ئايرودۇرۇمىدىن ئانتالياغا بىۋاستە ئايروپىلان سەپىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، كاسابلانكا-ئانتاليا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قېتىم سانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.
كاسابلانكا-ئانتاليا ئايروپىلان سەپەرلىرى ماراكەش بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى 3-بىۋاستە ئايروپىلان سەپىرى لىنيەسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2005-يىلى كاسابلانكا-ئىستانبۇل، 2019-يىلى ماراكەش-ئىستانبۇل لىنيەلىرى ئېچىلغان ئىدى.