ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئاشتى
ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇندا ئايلىق نىسبەتتە % 5.8 ئېشىش بىلەن % 81.7 گە يەتتى.
1662683
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، ئىيۇن ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركەز بانكىسى ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇرغان راي سىناش نەتىجىلىرىدىن ھېسابلانغان پەسىللىك تەسىرلەردىن خالىي ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى 6-ئايدا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا% 5.8 ئاشقان.
ماي ئېيىدا % 77.3 بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى، ئىيۇن ئېيىدا % 81.7 گە يۈكسەلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.