ئەلۋان: پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن ۋاز كەچمەيمىز

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان قىسقا مەزگىللىك پايدىنى دەپ پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1660640
ئەلۋان: پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن ۋاز كەچمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان، بۇرسادا چاقىرىلغان بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، پۈتكۈل دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى جەھەتتىن كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ، يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك تارىيىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ بۇنداق بىر مۇشەققەتلىك كۈرەشنى غايت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلۋان، تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈركىيەنىڭ 2020 – يىلىنى زور نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغانلىقىنى، پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرەشنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇل، مالىيە، پۇل مۇئامىلە ساھەسى بىلەن قۇرۇلمىلىق سىياسەتلىرىمىز تەڭپۇڭ ھالەتتە داۋاملاشماقتا. قىسقا مەزگىللىك پيدىنى دەپ، پۇل پاخاللىقى نىشانىدىن  ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز. پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرەشتە، مۆلچەرلەر قانىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. قەتئىي مەيدانىمىز ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر، پۇل پاخاللىقىدىكى ئۆسۈش مۆلچەرلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر