ئاماسرا -1 قۇدۇقىدىن چىقىرىلغان گاز ئېنېرگىيەگە ئايلاندى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى ئىككىنچى قېتىم بايقىشى بولغان ئاماسرا -1 قۇدۇقىدىن ئېلىنغان تەبىئىي گازنىڭ كۆيدۈرۈگەنلىكى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ قولىدا ئېنېرگىيەگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1654492
ئاماسرا -1 قۇدۇقىدىن چىقىرىلغان گاز ئېنېرگىيەگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆنمەز تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرى بىلەن بىرلىكتە، يېڭىدىن بايقالغان گازنىڭ تەجرىبىخانا مۇھىتىدا ئىنژېنېرلار تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ كۆيدۈرۈلگەنلىكىگە دائىر سۈرەتلەرنى ئورتاقلىشىپ: «قارا دېڭىزدىكى ئىككىنچى بايقىشىمىز بولغان ئاماسرا -1 قۇدۇقىدىن چىققان تەبىئىي گاز ئىنژېنېرلىرىمىزنىڭ قولىدا ئېنېرگىيەگە ئايلاندى. بايقىشىمىزنىڭ ئوتى تۈركىيەنىڭ كېچىلىرىنى تېخىمۇ يورۇق، قىشلىرىنى تېخىمۇ ئىسسىق، سانائىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى ساكارىيا تەبىئىي گاز مەيدانىغا جايلاشقان ئاماسرا -1 قۇدۇقىدىن 135 مىليارد كۇب مېتىر كېلىدىغان يېڭى زاپىسىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ بايقاش بىلەن تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدا بايقالغان ئومۇمىي گاز زاپىسى 540 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى.

 


خەتكۈچ: #گاز , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر