تۈركىيەنىڭ بۆلجۈرگەن ئېكسپورتى 135% ئاشتى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 5 ئېيىدا، تۈركىيەنىڭ بۆلجۈرگەن ئېكسپورتىدىن قىلغان كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا  135% ئېشىپ، 41 مىليون 642 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1653179
تۈركىيەنىڭ بۆلجۈرگەن ئېكسپورتى 135% ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە دېڭىزى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى (EIB) دىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر تۈركىيەدىن 33 دۆلەتكە 24 مىليون 590 مىڭ دوللارلىق بۆلجۈرگەن ئېكسپورت قىلىنغان.

بۇ يىل ئەڭ كۆپ بۆلجۈرگەن ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت بۇلتۇرقىغا ئوخشاشلا يەنە رۇسىيە بولغان.

تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 5 ئېيىدا رۇسىيەگە 24 مىليون 312 مىڭ دوللارلىق بۆلجۈرگەن ئېكسپورت قىلغان.

ئەڭ كۆپ بۆلجۈرگەن ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئارىسىدا رۇسىيەدىن قالسىلا، رۇمىنىيە 8 مىليون 318 مىڭ دوللار  بىلەن ئىككىنچى، ئىراق 5 مىليون 520 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر