يېزا ئىگلىكىدە ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت رېكورتى يارىتىلدى
يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە 11 مىليارد دوللاردىن ئاشقان يانۋار-ماي ئېكسپورت ھەجىمى ئەمەلگە ئاشتى.
1651709
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئۆتكەن ئاي (2021-يىلى ماي) 2020-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %65.5 ئېشىپ، 16 مىليارد 480 مىليون 210 مىڭ دوللارغا، يانۋار-ماي مەزگىلىدە %38.3 ئېشىپ 85 مىليارد 219 مىليون 653 مىڭ دوللارغا چىققان.
تۈركىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئېكسپورتى يانۋار-ماي مەزگىلىدە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %18.2 ئېشىپ 11 مىليارد 57 مىليون 202 مىڭ دوللار يەتتى.
يېزا ئىگىلىكى ساھەسىنىڭ يانۋار-ماي مەزگىلىدىكى ئېكسپورتقا قارىغاندا، يانۋار-ماي ئېكسپورتى 2021-يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى بەش ئايلىق ئېكسپورتى بولۇپ يېزىلدى.
يېزا ئىگىلىكىدە ئەڭ كۆپ دانلىق زىرائەتلەر ئۇرۇقى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىندى.