تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە مۇشۇ يىل (2021) نىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار قىممىتىدە مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلدى.

1635826
تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا، ئامېرىكاغا 386 مىليون 100 مىڭ دوللار قىممىتىدە مال ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، تىزىملىكتە ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللىدى.

تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاپرېلدىكى ئېكسپورت ئۆتكەن يىلى (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %109 ئېشىپ 18.8 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ بارلىق مەزگىللەردىكى ئەڭ يۇقىرى ئاپرېل ئېيى ئېكسپورت رەقىمى بولۇپ قالغان. يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى 68.8 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى، يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %47.7 ئېشىپ 949 مىليون 744 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتىدىكى ئېكسپورتنىڭ دۆلەتلەر بويىچە تارقىلىشى تەكشۈرۈلگەندە، ئامېرىكا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان ۋە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %56 ئېشىپ 386 مىليون 113 مىڭ دوللارغا يەتكەن. ئامېرىكادىن قالسا، ئەزەربەيجان ئىككىنچى ئورۇننى ئىگەللىگەن ۋە 117 مىليون 315 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

تۈركىيەنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئەزەربەيجانغا قىلغان مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %1234 ئاشقان.

ئۇندىن قالسا، تەرتىپ بويىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىگە قىلىنغان ئېكسپورت 90 مىليون 299 مىڭ دوللارغا، باڭلادېشقا قىلىنغان ئېكسپورت 57 مىليون 827 مىڭ دوللارغا ۋە گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت 50 مىليون 14 مىڭ دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر