تۈركىيەنىڭ ئورمان ياڭىقى ئېكسپورتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە 2020 – يىلى سېنتەبىردە باشلانغان ئورمان ياڭىقى ئېكسپورت قىلىش مەۋسۇمىنىڭ 8 ئېيى ئىچىدە، 208 مىڭ 779 توننا ئورمان ياڭىقى ئېكسپورتىدىن تەخمىنەن 1.5 مىليارد دوللار كىرىم قولغا كىرگۈزدى.

1633493
تۈركىيەنىڭ ئورمان ياڭىقى ئېكسپورتىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارادېڭىز ئورمان ياڭىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلىرى جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئىلياس ئەدىپ سەۋىنچ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا،  2020-يىلى، 1 – سېنتەبىردىن 2021 – يىلى، ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا 208 مىڭ 779 توننا ئورمان ياڭىقى ئېكسپورت قىلغانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن 1 مىليارد 472 مىليون 139 مىڭ 388 دوللارلىق كىرىم قولغا كىرگۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر