تۈركىيە ئاپرېلدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى ياراتتى

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش پايتەخت ئەنقەرەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئاپرېلدا ئېكسپورتىمىز %109 لىك ئېشىش بىلەن 18 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ ئاپرېل ئېيىدا كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتىدۇر» دېدى.

1632950
تۈركىيە ئاپرېلدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى 2019-يىلى مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %22.3 ئېشىپ، ئېكسپورت سودىسىنىڭ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكى سەۋىيىدىنمۇ يۇقىرى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر مەھمەت مۇش، ئاپرېل ئېيىدىكى تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %31.9 تۆۋەنلەپ، ئەسلىدىكى 4 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن 3 مىليارد 100 مىليون دوللارغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئېكسپورت نىسبىتىنىڭ ئېمپورتقا تاقابىل تۇرۇشتا ئاپرېل ئېيىدا 19.5 پوئىنت ئۆرلەش بىلەن %85.7 لىك ئېشىش ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر