تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىيىم-كېچەك ئېكسپورت قىلىشتا خىتاي بىلەن كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە

بۇلتۇر تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەڭ كۆپ كىيىم-كېچەك ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئىچىدە 3-ئورۇنغا ئۆتتى.

1629953
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىيىم-كېچەك ئېكسپورت قىلىشتا خىتاي بىلەن كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Eurostat) ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2020-يىللىق كىيىم-كېچەك ئىمپورت-ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن خەلقئارا سودىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىيىم-كېچەك سودىسىنىڭ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %14 تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر 69 مىليارد ياۋرولۇق كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلغان.

خىتاي 21 مىليارد ياۋرولۇق ۋە % 30 لىك ئۈلۈش بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىيىم-كېچەك ئىمپورتىدا ئەڭ چوڭ مەنبە دۆلەتكە ئايلانغان. باڭلادېش 12 مىليارد ياۋرولۇق ۋە %18 لىك ئۈلۈش بىلەن خىتايدىن قالسىلا ئىككىنچى بولغان. تۈركىيە 8 مىليارد ياۋرولۇق ۋە %12 لىك ئۆلۈش بىلەن ئۈچىنچى بولغان.

ئۆتكەن يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك ئىمپورت قىلغۇچى دۆلىتى گېرمانىيە بولدى.

گېرمانىيە 17 مىليارد ياۋرولۇق ئىمپورت سودىسى قىلدى. گېرمانىيەدىن قالسىلا 10 مىليارد ياۋرولۇق ئىمپورت سودىسى بىلەن فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيە رەتكە تىزىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرگە 30 مىليارد ياۋروغا يېقىن كىيىم-كېچەك ئېكسپورت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان باشقا دۆلەتلەرگە ئەڭ كۆپ كىيىم-كېچەك ئېكسپورت قىلغان دۆلەت 10 مىليارد ياۋرو بىلەن ئىتالىيە بولدى.

ئىتالىيەدىن قالسا گېرمانىيە 5 مىليارد ياۋرو بىلەن ئىككىنچى، ئىسپانىيە 4 مىليارد ياۋرو بىلەن ئۈچىنچى، فىرانسىيە تەخمىنەن 4 مىليارد ياۋرو بىلەن تۆتىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر